Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 89

زەبۇر 89:26-50

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى‫‪:‬‬ ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!».
27مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.
28مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛
29مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن.
30مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە،
31بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
32ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا‫‪‎-‎‬‬جاراھەت بىلەن جازالايمەن.
33لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛
34مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن.
35مەن بىر قېتىم پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن‫‪:‬‬ ــ
36«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛
37ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ.
38بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ.
39قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ.
40ئۇنىڭ بارلىق تام‫‪‎-‎‬‬پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.
41يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى.
42ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ.
43بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ.
44ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن.
45ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. سېلاھ.
46قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟
47ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟
48قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ.
49سەن ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، ئاۋۋالقى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟
50قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ

Read زەبۇر 89زەبۇر 89
Compare زەبۇر 89:26-50زەبۇر 89:26-50