18چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر.
19سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛