3يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار!
4چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر.
5ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛
6ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛