Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 78

زەبۇر 78:43-53

Help us?
Click on verse(s) to share them!
43ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى ئەسلىمىدى؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى.
44ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛
45ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ‫‪‎-‎‬‬توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛
46ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛
47ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى.
48ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا كۆيدۈرىۋەتتى.
49ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى.
50ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛
51ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.
52ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛
53ئۇلارنى ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى.

Read زەبۇر 78زەبۇر 78
Compare زەبۇر 78:43-53زەبۇر 78:43-53