24ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛
25شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى.
26ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛
27ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى.
28ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.
29ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى خۇدا ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى.