16سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.
17قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى.
18گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى.
19سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ.