7ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى.
8ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
9بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر.