Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 74

زەبۇر 74:18-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى.
19پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن.
20ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ‫‪‎-‎‬‬پۇچقاقلار زورلۇق‫‪‎-‎‬‬زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى.
21ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي.
22ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
23دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە.

Read زەبۇر 74زەبۇر 74
Compare زەبۇر 74:18-23زەبۇر 74:18-23