16كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ.
17يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ.
18شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى.
19پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن.