Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 72

زەبۇر 72:4-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ.
5شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ.  
6ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل‫‪‎-‎‬‬يېغىنلاردەك چۈشىدۇ.
7ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ.
8ئۇ دېڭىزدىن‫‪‎-‎‬‬دېڭىزلارغىچە، ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
9چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ.

Read زەبۇر 72زەبۇر 72
Compare زەبۇر 72:4-9زەبۇر 72:4-9