3تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
4پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ.
5شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ.
6ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ.