17ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ.
18ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!
19ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!