7مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن.
8ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛
9ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن.
10چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ
11«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ.
12ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن!