29بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛
30مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛
31بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ مۈڭگۈز-تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر.
32ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ.