13سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛
14ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.
15باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛
16ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ!