8ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار!
9ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ.
10چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ.