5سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى!
6بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛
7دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن!
8جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛