4ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ.
5ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە.
6ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر!
7لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ.