1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ كۈي سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن.
2مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن.