13لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن!
14خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛
15مۇشۇنداق ساتقۇنلارنى ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا.
16لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ.
17ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ.
18ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ.
19تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! ئۇ نالەمنى ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (سېلاھ) چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ.