3چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. سېلاھ.
4قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ.
5ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.
6مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.