8ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛
9مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن.
10چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛