Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 4

زەبۇر 4:1-4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا!
2ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ سېلاھ.
3بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ.
4ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۈكۈت قىلىڭلار. سېلاھ.

Read زەبۇر 4زەبۇر 4
Compare زەبۇر 4:1-4زەبۇر 4:1-4