1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار!
2مەيلى ئاددىي پۇقرا، يا ئېسىلزادىلەر، يا باي، يا گادايلار بولسۇن، ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار!
3ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ، دىلىم ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدۇ.
4قۇلىقىم ھېكمەتلىك تەمسىلنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ، چىلتار چېلىپ سىرلىق سۆزنى ئېچىپ بېرىمەن.