1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!
2چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر.
3ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ.
4ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ!