Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 45

زەبۇر 45:8-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ.
9پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىنەتلەرنى تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛
10«ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال!
11شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل».
12تۇر شەھىرىنىڭ قىزى ئالدىڭدا سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛  
13شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛
14ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛
15ئۇلار خوشال‫‪‎-‎‬‬خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ.
16«ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن.
17مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛ شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ».

Read زەبۇر 45زەبۇر 45
Compare زەبۇر 45:8-17زەبۇر 45:8-17