Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 45

زەبۇر 45:3-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئى بۈيۈك بولغۇچى، قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ‫‪‎-‎‬‬شەۋكىتىڭ بىلەن!
4ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، شانۇ‫‪‎-‎‬‬شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ!
5سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ.
6سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.  
7سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى.
8سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ.
9پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىنەتلەرنى تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛
10«ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال!
11شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل».

Read زەبۇر 45زەبۇر 45
Compare زەبۇر 45:3-11زەبۇر 45:3-11