13شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛
14ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛
15ئۇلار خوشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ.
16«ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن.