2پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن!
3ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن.
4مەن ئىلتىجا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» ــ دېدىم.
5دۈشمەنلىرىم مەن توغرۇلۇق: ــ «ئۇ قاچانمۇ ئۆلۈپ، نامى-نەسلى قۇرۇپ كېتەر؟» ــ دەپ ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ.
6بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛
7ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ.