5ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە رەھمەت قايتۇرۇپ بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
6نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا سەزگۈر قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛