15چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن.
16چۈنكى مەن: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن.
17چۈنكى مەن دەلدەڭشىپ، تۈگىشەي دەپ قالدىم، ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
18چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن.
19لېكىن دۈشمەنلىرىم جۇشقۇن ھەم كۈچلۈكتۇر؛ قارا چاپلاپ، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ سانى نۇرغۇندۇر.
20ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن.