11يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى.
12جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا.