10يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى.
11يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى.
12جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا.
13لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛
14بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە-تەنبىھ يوق.
15چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن.