32|צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
33لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.
34|ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن.
35|ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.
36بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.
37|ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.
38ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛
39|ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.
40پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.