4ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ.
5ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ!
6ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛