Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 35

زەبۇر 35:23-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
23قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم!
24مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىمدىن شادلاندۇرمىغايسەن!
25ئۇلار كۆڭلىدە‫‪:‬‬ «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى‫‪:‬‬ «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن.
26مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن!
27مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە‫‪:‬‬ «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي.

Read زەبۇر 35زەبۇر 35
Compare زەبۇر 35:23-27زەبۇر 35:23-27