15بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى.
16خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى.
17ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى مۇشۇ يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن!
18زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.
19يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن!
20ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا.
21ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ.
22ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛
23قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم!
24مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىمدىن شادلاندۇرمىغايسەن!
25ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن.