7ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛
8پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛
9چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى.
10پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
11پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
12«پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر!
13پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
14تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛
15ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر.
16پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
17تولپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛