5ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر.
6پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛
7ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛
8پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛