2دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ
3«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.
4ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
5ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ
6«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».
7«مەن ئەرشتىكى پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛
8مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛
9سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».
10ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛
11پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!