1داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن.
2ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن!
3مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر.