2يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار.
3زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن.
4پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.
5بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.
6شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا!