7ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
8شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر!