4ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان.
5ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس.
6بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن تۆھمەت بىلەن رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن.
7مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
8«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ.
9بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛
10تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن.
11مەندىن يىراقلاشما؛ چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر.