28چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر.
29جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛
30كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ.