18ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ.
19بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن!
20جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن.
21مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن!
22مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛
23پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.
24چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان.