4ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛
5تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى.
6قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.
7شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.
8ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛
9ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى.
10بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى.
11ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى.