12ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛
13پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن.
14بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، دۈشمەنلىرىمنى تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-چۇقانغا سالدى؛
15شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، تەنبىھىڭ بىلەن، دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار.
16ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى.