5پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛
6نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر!
7ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ.
8مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.