2كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛
3تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا،
4پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە،
5پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.